Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۈرەك سوقۇش رىتىمى
دائىرە: بىئولوگىيە心搏频率
xīnbópínlǜ
يۈرەك سوقۇش چاستوتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقارتىپ <يۈرەك رىتىمى> دېيىلىدۇ، يۈرەكنىڭ ھەر مىنۇتتىكى سوقۇش سانىنى كۆرسىتىدۇ. يېتىلگەن ئادەمنىڭ تىنچ ۋاقىتتىكى يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا تەخمىنەن 60 - 100 قېتىم ئارىلىقىدا، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن مىنۇتىغا تەخمىنەن 75 قېتىم بولىدۇ. ياش، جىنسىي ئايرىما ھەم باشقا فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللارغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. بوۋاقلارنىڭ يۈرەك رىتىمى تېز بولۇپ، مىنۇتىغا 120 قېتىمدىن ئارتۇققا يېتىدۇ، كېيىن ياشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ بارا - بارا ئاستىلايدۇ. ياشلىق مەزگىلىگە كەلگەندە يېتىلگەن ئادەملەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىدۇ. يېتىلگەن ئادەملەردىن ئاياللارنىڭ يۈرەك رىتىمى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز. ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ تىنچ ياكى ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىكى يۈرەك رىتىمى ئاستىراق بولۇپ، ھەرىكەتلەنگەن ياكى ھاياجانلانغان چاغدىكى يۈرەك رېىمى تېزلىشىدۇ، لېكىن دەم ئالغاندىن كېيىن تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. يېتىلگەن ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئاشسا سىنۇستىن يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش دېيىلىدۇ؛ يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن ئازلىسا سىنۇستىن يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش دېيىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.