Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېتىلىش
دائىرە: بىئولوگىيە发育
fāyù
جانلىقلارنىڭ ھايات تارىخىدىكى تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىشىشكىچە بولغان ئۆزگىرىش جەريانى. ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتقا ماسىشىدىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلاردا، ئورۇقلانغان تۇخۇم بىر قاتار مۇرەككەپ ھەمدە تەرتىپلىك ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئەجدادى بىلەن ئوخشاش بولغان يېتىلگەن يەككە تەننى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يېتىلىشى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلىنىپ، بىر قاتار يىپلىق بۆلۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن تۈرۈلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر خىل ئالاھىدە تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىلەرگە ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر بارلىققا كېلىدۇ (مەسىلەن، نېرۋا ھۈجەيرىسى، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى، مۇسكۇل ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار). ئۇنىڭدىن كېيىن، دىففېرېنسىيىلەنگەن ھۈجەيرىلەر توقۇلمىنى، توقۇلمىلار ئورگانلىرىنى، ئورگانلار سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆرەلمىلىك يېتىلىش ئاخىرلىشىدۇ. گۆدەك تەن تۇخۇم پەردىسىنى يېرىپ چىققان ياكى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىن كېيىن، تۆرەلمىدىن كېيىنكى يېتىلىشكە كىرىپ، تېنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ مورفولوگىيە ۋە ئىقتىدارىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەجدادى بىلەن ئوخشاش بولغان يېتىلگەن يەككە تەن ھاسىل قىلىدۇ. يەككە تەن يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە ئىقتىدارىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇ قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ. شۇڭا، يەككە يېتىلىش ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلاپ، يەككە تەن ئۆلگەنگە قەدەر بولغان پۈتۈن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئورمانچىلىق,ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,مائارىپ
发育
fā yùDباغۋەنچىلىك
成熟
chéng shú
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.