Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېسېنىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى叶赛宁
yè sài níng
(1895 - 1925) سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چېركاۋ گىمنازىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، دۇكان خىزمەتچىسى بولغان، دەسلەپكى شېئىرلىرىدا پاترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى يېزىلارنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشلىرى ھەم تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. 1919 - 1921 - يىللىرى ئىماژىنىزملىق ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. ئەسەرلىرىدە بىر مەزگىل شەكىلۋازلىقنى قوغلىشىپ، ھېسسىياتقا بېرىلىش، ھەسرەتلىنىش كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن: <سوۋېت روسىيىسى> داستانى، <روسىيە ۋە ئىنقىلاب> قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىدا داھىي ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى يارىتىشقا، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يېڭى تۇرمۇش يارىتىشتىكى قىزغىنلىقىنى مەدھىيلەشكە تىرىشقان. ئەمما يەنىلا پاترىئارخاللىق شەكىلدىكى قورۇق تۇرمۇشىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن. يەنە بىر قىسىم روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە بەڭباشلىق، شاللاق شېئىرلارنىمۇ يازغان. كېيىن روھىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.