Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېشىل يۈسۈنلەر تىپى
بىئولوگىيە
يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى. ئۇنىڭدىن خلوروپلاستنىڭ تەركىبىدە خلوروفىل a, b, كىسانتوفىل ۋە كاروتىن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشايدۇ، ئوتقا ئوخشاش يېشىل بولىدۇ؛ فوتوسىنتېز مەھسۇلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىگە ئوخشاش كراخمال بولىدۇ، ئاقسىللىق يادروسى بولىدۇ. يۈسۈن تېنىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، ھەرىكەتچان تەن تىپى، كوللوئىد تەن تىپى، يېشىل شارچە تەن تىپى، يىپسىمان تەن تىپى، پەردىسىمان تەن تىپى ۋە كۆپ يادرولۇق تەن تىپى قاتارلىقلار. ھۈجەيرە پوستى ئىككى قەۋەت بولۇپ، تاشقى قەۋىتى پىكتىن، ئىچكى قەۋىتى تالادىن تۈزۈلىدۇ. ئۈزۈپ ھەرىكەتلىنىدىغان ھۈجەيرىلەردە ئىككى ياكى تۆت تال چوققىدا ئۆسكەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى قىلئايىقى بولىدۇ. ئۈزۈلۈپ كۆپىيىش ھۈجەيرىسى بۆلۈنۈپ كۆپىيىش، ھەرخىل سپورا ھاسىل قىلىش، ئوخشاش گامېتىلىق، ئوخشىمايدىغان گامېتىلىق، تۇخۇملۇق ۋە قوشۇلۇپ كۆپىيىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا كۆرسىتىدۇ. سىستېمىلىق يېتىلىشتە، ئادەتتە باشقا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، مۇخ پاپوروتنىك ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر) بىلەن ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى زىچ دەپ قارىلىدۇ. تاتلىق سۇغا تارقىلىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى دېڭىز، نەم تۇپراق، قورام تاش ۋە دەرەخ غولىدا ئۆسىدۇ، بىر قىسىم تۈرلىرى زەمبۇرۇغلارغا پارازىتلىنىدۇ ياكى زەمبۇرۇغلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاپ لىشاينىكنى ھاسىل قىلىدۇ. يېشىل يۈسۈنلەرنىڭ تېنى چوڭ بولۇپ، ئوزۇقلۇق ياكى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ (مەسىلەن، ئولۋاس يۈسۈنى. دېڭىز پىنتوزىسى) سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن كىچىك شارچە يۈسۈن ۋە مارجان يۈسۈن يۇقىرى ئاقسىللىق ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ. ئالەم كېمىسى ياكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدا يېشىل يۈسۈن قويۇپ بەرگەن ئوكسىگېندىن پايدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ لەيلەپ ئۆسىدىغان تۈرلىرى بېلىق ياكى سۇدا ياشايدىغان باشقا ھايۋانلارنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ. بەزى يېشىل يۈسۈنلەر قەغەز ياساش ياكى سۇنى ساپلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.