Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى
دائىرە: بىئولوگىيە绿脓杆菌
lǜnónggǎnjūn
<مىس كۆكى يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك تاياقچە باكتېرىيە، 0.8 × 1.5 -3.0 - 0.5 مىكرو مېتر كېلىدۇ، قۇتۇپلۇق ئۆسكەن يەككە قىلئايىغى بولىدۇ، يالغۇز ياكى جۈپ ھالەتتە بولىدۇ، بەزىدە قىسقا زەنجىر بولۇپ تىزىلىدۇ. ئوكسىگېن خالايدۇ، بىراق نىترات كىسلاتا تۇزىدىن پايدىلىنىپ ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئۆستۈرگۈچتە ئۆسۈشى ياخشى ھەمدە كېڭىيىش خاراكتېرلىك فلۇئورېسسېين ۋە پيوتسيانىن ھاسىل قىلىدۇ. تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋاغا كەڭ تارقىلىدۇ. يەنە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تەن يۈزى ھەمدە ئۈچەي يولىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ بىر خىل پۇرسەت كۈتۈپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، جاراھەت ئاغزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. مەسىلەن، چوڭراق كۆيۈكلەردە يىرىڭلىق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، كالىلاردا يېلىن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ باكتېرىيە نۇرغۇنلىغان ئانتىبىئوتىكلىق دورىلارغا قارشى تۇرالايدۇ، گېنتامىتسىن ۋە پولىمىتسىنغا سەزگۈر بولىدۇ.
دائىرە: تېببىي绿脓杆菌
lǜ nóng gǎn jūn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.