Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېڭى سىبىرىيە
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر新西伯利亚
xīn xī bó lì yà
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئوب دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 393 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ ئورۇن 1893 - يىلى سىبىرىيە چوڭ تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. شەھەردە ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، مېتاللۇگىيە سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا پەن - تېخنىكا شەھىرى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.