Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوتتۇرسىنى ئاچماق، ئارىسىنى ئېچىپ كەرىمەك، بۆلمەك.
شاخنى يىرماق.
كۆچمە. رەت قىلماق، ئىنكار قىلماق، ماقۇل بولماي قويماق، ئىلىك ئالماي كەتمەك (گەپ - سۆز ھەققىدە).
مەن ئۇنىڭ گېپىنى يىرىشقا ئامالسىز ئىدىم.
كۆچمە. بۆلمەك، ئارىلىماق، يېرىم يولدا توختىتىپ لوقما سالماق (گەپ - سۆز ھەققىدە).
ھارۋىكەشلەر شائىرنىڭ سۆزىنى يىرماي، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاشتى.