Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېرىكو
دۇنيا تارىخى
耶利哥
yē lì gē
ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىن غەربىي شىمالغا تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي - ئىئوردانىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى خارابە. ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ گارىستاڭ (1876 - 1956) ۋە كېنيون (1906 - ؟) ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1935 - 1936، 1952 - 1958 - يىللىرى قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خارابىدىن ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىن برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان قېلىنلىقى 17 قات كېلىدىغان مەدەنىيەت قاتىلىمىنى تاپقان. خارابىنىڭ دائىرىسى 40 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. <تەۋرات> تا ئۇ <پالما دەرەخ شەھىرى> دەپ ئاتالغان بولۇپ، بىر مەھەل گۈللەنگەن. ئەڭ دەسلەپتىكى مىلادىدىن تەخمىنەن 7800 يىل ئىلگىرىكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن ئىبادەتخانا ۋە تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى تېپىلغان، 17 - قاتلىمىدىكى تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى ئەتراپىدىن قېلىنلىقى 5.1 مىېتىر، ئېگىزلىكى 9.3 مېتىر كېلىدىغان قورۇق تېپىلغان ھەمدە بۇ جايدا كۆزىتىش مۇنارىسى بولغان. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى شەھەر ھېسابلىنىدۇ. تېپىلغان نەرسىلەر غەربىي ئاسىيانىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنى ۋە <تەۋرات> تىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەنگەن يىللارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.