Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىراق قەدىمىي ئېرا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گىئولوگىيە
گېئولوگىيىلىك يىلنامىنىڭ ئىككىنچى ئېراسى. بۇنىڭدىن 2 مىليارد 400 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 570 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. بۇ ئېرادا يۈسۈنلەر ۋە مىكروئورگانىزملار تەرەققىي قىلغان. ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار تاسادىپىي كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بەك قەدىمىي ئېرا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ۋاقىتلاردىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ ئاينىش دەرىجىسى بىر قەدەر تېيىز، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاينىشقا ئۇچرىمىغان چۆكمە جىنسلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئاساسىي تاغ جىنسلاردىن تاختا جىنس، مەرمەر جىنس، دولومىت جىنس، ھاكتاش جىنس، تارىشا جىنس، قۇم تاش جىنس، مىڭقات جىنس قاتارلىقلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يىراق قەدىمىي ئېرا تېمى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگە تارالغان. شەرتلىك بەلگىسى: pt.