Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېقىنلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە يېقىن بارماق، بىرەر نىشانغا يېقىن كەلمەك، يېتىشكە، تېگىشكە ئازلا قالماق.
- قەشقەرگە يېقىنلاپ قالدۇق.
مەلۇم ۋاقىتقا يېتىشكە ياكى مەلۇم ئىش - پائالىيەتنىڭ بېجىرىلىش، يۈز بېرىش ۋاقتىغا ئاز قالماق.
ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاپ قالغانىدى.
مىقدارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بىللە كېلىپ، مەلۇم مىقدارنىڭ شۇ مىقدارغا تەڭ بولۇشقا ياك يېتىشكە ئازلا قالغانلىقىنى ياكى ئاساسەن تەڭلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ تاشۋاي 20 ياشقا يېقىنلاپ قالدى.
مەلۇم ئالاھىدىلىكى بىلەن مەلۇم بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالماق ياكى شۇ نەرسىگە يېقىن شەكىلگە ئىگە بولماق، ئوخشىماق، بىردەك بولماق.
بىز بۇ تاملارغا سىزىلغان سۈرەتلەردىن پىپا دەستىسىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراپ تەمبۈرگە يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.