Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىقىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۈچ بىلەن ئۇرۇلۇش، تۈرتۈلۈش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن غۇلىماق، ئۆرۈلمەك، يېتىپ قالماق.
يېقىلغاننى يەر كۆتۈرەر (ماقال).
كۆچمە. ۋەزىپە، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قالماق.
قاسىم يىقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنىلا ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئاسىم ئىگىلەيدۇ.
كۆچمە. ماغدۇرسىزلىنىپ ھالىدىن كەتمەك.
ئوغلىنىپ دەردىدە بىچارە ئانىمۇ ئۆزىنىڭ تېتىكلىكنى يوقىتىپ، يېقىلىپ قالايلا دەپ قالغانىدى.
كۆچمە. مەغلۇب بولماق، يېڭىلمەك، ئارقىدا قالماق.
قاسىم يىقىلغانغا تەن بېرىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى.
كۆچمە. ھاياتلىقتىن ياكى مەۋجۇت بولۇشتىن مەھرۇم بولماق، يوقالماق.
چېۋەر قولدا ئاپتومات، سايرىماقتا <تا - تا - تات>. يىقىلماقتا دۈشمەنلەر، مەرگەنلەرنىڭ كۆڭلى شاد.
كۆچمە. مەلۇم مىقداردا پۇل خەجلەشكە توغرا كەلمەك، زىيان تارتماق.
ئۇ بۇ قېتىم ئاز كەم مىڭ يۈەنگە يىقىلغانىدى.