Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوشىداشۇئىن
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1859) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى زات، مۇتەپەككۇر، پېداگوگ، ئىسمى كانېكاتا، تەخەللۇسى شۇئىن، ئادەتتە توراجىرو دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىكىدە ھەربىي ئىلىم ۋە كۇڭزىچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1850 - يىلى ناگاساكى ۋ ئېدو قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. 1854 - يىلى چەت ئەلنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئوغرىلىقچە ئامېرىكا پاراخوتىغار چىقىپ، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغاندا، ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ خاگى شەھىرىدىكى نوياما تۈرمىسىگە قامالغان. 1857 - يىلى تاغىسى تاماكى فومىيۇكىسۇغا ۋارىسلىق قىلىپ، ماتسۇشىتا يېزىسىدا مەكتەپ ئېچىپ شوگوناتنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىققا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاكاسۇگى شىنساكۇ، كۇساكا گېزۇي، ئىتو خىروبۇمى قاتارلىق بىرمۇنچە زاتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئانې چوڭ دېلوسى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئون توملۇق <يوشىدا شۇئىن ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.