Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يوشىدا شىگېرو
دۇنيا تارىخى
吉田茂
jí tián mào
(1878 - 1967) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1946 - 1947، 1948 - 1954). توكيودا تۇغۇلغان. ئۆز دادىسى توسا (ھازىرقى كوچى ناھىيىسى) دىكى سامۇراي - تاكېئۇچى كونى، كىچىكىدە سودىگەر يوشىدا گېنزو بېقىۋالغان. 1906 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. تاكى 1928 - يىلغىچە جۇڭگونىڭ فىڭتيەن، (ھازىرقى شىنياڭ)، تيەنجىن، ئەندوڭ (ھازىرقى دەندوڭ)، جىنەن، چىڭداۋ قاتارلىق جايلىرىدا كونسۇل ياكى باش كونسۇل بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن يۈرگۈزگەن. 1927 - يىلى فېڭتيەننىڭ باش كونسۇلى سالاھىيىتى بىلەن، تاناكاگىچى ئاچقان شەرق يىغىنىغا قاتنىشىپ، تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى مورى كاكۇ (1882 - 1932) قاتارلىقلار بىلەن بىللە، جۇڭگوغا ئۇمۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1928 - يىلى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى بولۇپ، تاناكاگىچىغا ياردەملىشىپ، سەندۇڭ ۋە خېبېيگە ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلىپ، جىنەن پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يوشۇرۇن ھالدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا ژاندارمىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي قويۇۋېتىلگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1946 - يىلى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى بولغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا ئىكچى كابىنېت زۇڭلىسى بولغان، 1947 - يىلى 5 - ئايدا تەختتىن چۈشكەن، 1948 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن تۆت قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1950 - يىلى ئامېرىكا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي لاۋازىمەت ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن. 1951 - يىلى ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو دېگەن يېرىگە بېرىپ، سۈلھ شەرتنامە <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1954 - يىلى 12 - ئايدا تەختتىن چۈشكەن ھەمدە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ لېدىرلىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئوئىسودا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنى پەردە ئارقىسىدىن تىزگىنلەپ تۇرغان. <ئون يىللىق ئەسلىمە>، <داۋالغۇش ئىچىدىكى 100 يىللىق تارىخ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.