Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يوسانو ئاكىكو
دۇنيا تارىخى
与谢野晶子
yǔ xiè yě jīng zǐ
(1878 - 1942) ياپونىيىلىك شائىرە. ئەسلى فامىلىسى كازا. ئىسمى ئاكىرا. قىزلار مەكتىپىنىڭ پىششىقلاش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا ئېرى يوسانو تېتىسۇخى (1873 - 1935) بىلەن بىللە <چولپان> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، <چولپانچىلار> نىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. داجېڭ يىللىرىدا ئاياللار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئەر - ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <پاخپايغان چاچ>، <كىچىك يەلپۈگۈچ>، <مۇھەببەت تونى>، <ئۇسسۇلچى قىز> دېگەن شېئىرلار توپلاملىرى مول رومانتىك تۈس ئالغان. يەنە <رەڭگارەڭ بۇلۇت>، <نۇرلۇققا يۈزلىنىش> قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. كېيىن 13 توملۇق <يوسانو ئاكىكو ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.