Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يوپۇرماق ئالىقىنى
دائىرە: بىئولوگىيە叶片
yèpiàn
يوپۇرماقنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچى قىسمى، شۇنداقلا فوتوسىنتېز ۋە پارلاندۇرۇش رولىنى ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق تۈزۈلۈش. ئۇ ئادەتتە يېشىل ياپىلاق، شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ. تولۇق شەكلى بويىچە ئېيتقاندا يىڭنىسىمان (قارىغاي)، يىپسىمان (شال)، تۆمۈنىسىمان (شاپتۇل)، ئېللىپسسىمان (كامفورا)، يۇمىلاق (نېلۇپەر)، تۇخۇمسىمان (ئاپتاپپەرەس)، يۈرەكسىمان (سېسىقيار) قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولۇق گىرۋەكلىك (بۇرجۇن)، دولقۇنسىمان گىرۋەكلىك (جىگدە)، ھەرە چىشىسىمان گىرۋەكلىك (ئازغان)، كەمتۈك گىرۋەكلىك (ئابدىمىلىك) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يوپۇرماق ئۇچى، يوپۇرماق كۆرتىكى ۋە يوپۇرماق تومۇرىنىڭ شەكلىگە ئاساسەنمۇ بۆلۈنىدۇ. ھەربىر خىل ئۆسۈملۈكتە بەلگىلىك شەكىلگە ئىگە يوپۇرماق ئالىقىنى بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تۈپىدە شەكلى ئوخشاش بولمىغان يوپۇرماقلار بولىدۇ، بۇ ئىككى شەكىللىك يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئارچىدا يىڭنىسىمان يوپۇرماق بىلەن تەڭگىسىمان يوپۇرماق بولىدۇ؛ سۇ ئوقياسىدا تاسمىسىمان يوپۇرماق ئېللىپسسىمان يوپۇرماق ۋە ئوقياسىمان يوپۇرماق بولىدۇ. يوپۇرماق شەكلى ئۆسۈملۈك تۈرىنى بېكىتىشتە مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى <يوپۇرماق>، <يوپۇرماق گۆشى> دېگەن مەزمۇنلاردىن كۆرۈڭ.
ئۆسۈملۈك
叶片
yè piàn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.