Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يوپۇرماق سېپى
بىئولوگىيە
叶柄
yèbǐng
يوپۇرماق ئالىقىنى بىلەن غولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قىسىم. يوپۇرماق سېپى يوپۇرماق ئالىقىنىنى تىرەپ تۇرىدۇ، يوپۇرماقنى بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. يوپۇرماق بىلەن غول ئوتتۇرىسىدا ماددىلارنى توشۇيدۇ. يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ياكى بار - يوقلۇقى ئۆسۈملۈككە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بىر تۈپتىكى يوپۇرماقلاردا ئاستىدىكى يوپۇرماقنىڭ سېپى ئۇزۇن، ئۈستىدىكى يوپۇرماقلارنىڭ سېپى قىسقا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئاستىدىكى يوپۇرماقلار قۇياش نۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئوسۇڭنىڭ يوپۇرماق سېپى بولمايدۇ (ساپسىز يوپۇرماق). تەيۋەن ئاكاتسىيىسىنىڭ يوپۇرماق ئالىقىنى بولمايدۇ، پۈتۈن يوپۇرماق يوپۇرماق سېپىنىڭ كېڭىيىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كاۋا يوپۇرماق سېپىنىڭ ئوتتۇرىسى نەيسىمان كاۋاك بولىدۇ. نېلۇپەر يوپۇرماق سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەرەققىي قىلغان ھاۋا يولى بولىدۇ. سۇ ياڭىقىنىڭ يوپۇرماق سېپى كۆپۈپ لەيلەتكۈچى خالتىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە يوپۇرماق سېپىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى يېرىم ئاي شەكىللىك ياكى دۈگىلەك بولىدۇ، سىرتىدا ئېپىدېرما بولىدۇ، ئېپىدېرمىنىڭ ئاستىدا نېپىز پوستلۇق توقۇلما ۋە قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما بولىدۇ، قاناللار باغلىمى يېرىم دۈگىلەك بولۇپ تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ ياغاچلىق قىسمى ئۈستى تەرەپتە (غولىغا قارىغان يۈزىدە)، ئەۋرىشىملىك قىسمى تۆۋەن تەرەپتە (دۈمبە تەرەپتە) بولىدۇ. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق سېپىدىكى قاناللار باغلىمىدا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولىدۇ. بىراق قىسقا مۇددەتلا ھەرىكەتلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق
叶柄
yè bǐng