Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوپۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ ئوزۇقلىنىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى.
جۈپتى يوق ئەر، يوپۇرمىقى يوق تېرەك. ياپراق چۆكۈپ، تاش لەيلەيدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ. ئانىسى ئۇسسۇل ئوينىسا، بالىلىرى چاۋاك چالىدۇ، ئۇ نېمە؟ (- يوپۇرماق، ياپراق).
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسىنى يوپۇرماقنىڭ فوتوسىنتېز رولى دېيىشكە بولىدۇ. كىچىككىنە بىر پارچە يوپۇرماق خۇددى بىر يېشىل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوخشاش، ئىنسانلارنى خىلمۇخىل مول مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالىملار فوتوسىنتېز رولى بولمىغان بولسا يەر شارىدا ھاياتلىق بولمىغان بولاتتى، دەپ جەزملەشتۈرگەن.
ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىدا ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى زىچ تىزىلغان. ئاستىنقى ئېپىدېرمىدا گازلار كىرىپ چىقىدىغان ئىشىكچىلەر، يەنى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئېپىدېرمىلار ئارىلىقىدا يوپۇرماق ئېتى (گۆشى) بولۇپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە زور مىقداردىكى خلوروپلاستلار بولىدۇ. يوپۇرماق ئېتىگە يوپۇرماق تومۇرلىرى تارقالغان بولۇپ، ئۇلار يوپۇرماقنىڭ ئىسكىلىت جازىسى، شۇنداقلا مۇھىم توشۇش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر (كاناللار) ۋە ئورگانىك ماددىلارنى توشۇپ چىقىرىدىغان غەلۋىرسىمان نەيچىلەر بولىدۇ. يوپۇرماق يىلتىز سۈمۈرگەن سۇ ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن ھاۋا تۆشۈكىدىن كىرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى خام ئەشيا قىلىپ كراخمال ياسايدۇ، كېچىدە ئۇلارنى گلۇكوزىغا پارچىلاپ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە چېچەكلەپ مېۋىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ.
يەر شارىدىكى ئورگانىك ماددىلار ئاساسەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىن كېلىدۇ، يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يىلىغا تەخمىنەن400 مىليارد توننىدىن ئارتۇق ئورگانىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ. فوتوسىنتېز رولى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورگانىك ماددىلاردا زاپاس ساقلىنىدىغان خىمىيىۋى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ. يېشىل ئوزۇقلۇق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئوكسىگېن بولۇپ، يىلىغا فوتوسىنتېز ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئەركىن ھالەتتىكى ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زور مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرۈپ ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. بۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
يوپۇرماقنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى خۇددى بىر پۇختا قورۇق تامغا ئوخشاش يېشىل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قوغداپ تۇرىدۇ. بەزى يوپۇرماقلارنىڭ ئېپىدېرمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت مۈڭگۈز ماددىلىق پەردە ياكى موم ماددىسى قاپلانغان بولۇپ، سۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ياكى ئاتموسفېرادىكى بۇلغىمىلار ۋە كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بەزى يوپۇرماقلار ھەر خىل تۈكسىمان نەرسىلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.
يوپۇرماقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. مەسىلەن، سېمىزئوتنىڭ يوپۇرمىقى قوشۇققا ئوخشايدۇ، لىپا دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى يۈرەككە ئوخشايدۇ، قارىغاينىڭ يوپۇرمىقى يىڭنىگە ئوخشايدۇ، بانان دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى بايراققا ئوخشايدۇ، پالما دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى يەلپۈگۈچكە ئوخشايدۇ، يەنە بەزى يوپۇرماقلار خۇددى ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىلمۇخىل شەكىل ئۆزگەرتكەن يوپۇرماقلار بار. مەسىلەن، سۇ ئوقياسىنىڭ ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلايدىغان يوپۇرماقلىرى، كۆكمارال ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ ساقلايدىغان يوپۇرماقلىرى، ئۈندىيوپۇرماق خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپەيگۈچى (بىخلانغۇچى) يوپۇرماقلىرى، ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماقلىرى، كاكتۇسلارنىڭ يىڭنىسىمان يوپۇرماقلىرى، كۆك پۇرچاقنىڭ يوپۇرماق بۇرۇتچىلىرى قاتارلىقلار.
زور كۆپچىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى يېشىل بولىدۇ، لېكىن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى باشقا رەڭلەردە بولىدۇ. مەسىلەن، تاغ - دالىلاردا ئۆسىدىغان گاسترودىيە ئوتى بىلەن تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان بىگونىيىلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى يىل بويى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ يوپۇرماق تەركىبىدە خلوروفىل بولغاندىن سىرت، يەنە كاروتېنوئىدلار ياكى فىكوئېرىتروبىلىن، فۇكوكسانتىن قاتارلىقلار بولىدۇ. سىئانىدىن (گۈل ھۆسن ماددىسى)لار يوپۇرماقنى قىزارتىدىغان بولۇپ، كۈز يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئېرەن دەرىخى، زەرەڭ دەرىخى، ساپىئۇم دەرىخى، كوتىنۇس دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوتقاشتەك قىزىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۈز پەسلىدە يوپۇرماق تەركىبىدە گلۇكوزا زىيادە كۆپ جۇغلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سىئانىدىنلارغا ئۆزگىرىپ يېشىل يوپۇرماقلارنى قىزارتىۋېتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن «قىرودىكى يوپۇرماقلار فېۋرالدىكى گۈللەردىنمۇ قىزىل» بولۇشتەك ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىنسانلارغا يەنە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ياغاچچىلار ئۇستازى لۇبەن بارمىقىنى سىجاپ تىلىۋەتكەن بىر ھەرىچىشسىمان گىرۋەكلىك يوپۇرماقتىن ئىلھام ئېلىپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ھەرىنى كەشىپ قىلغان؛ كۆۋرۈك ياساش مۇتەخەسسىسلىرى كۆممىقوناق يوپۇرمىقىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئىلھام ئېلىپ، كۆۋرۈك تۈۋرۈكى بولمىغان1200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تۇرۇبا شەكىللىك (كانايسىمان) كۆۋرۈكنى لايىھىلەپ چىققان؛ ئەنگلىيىلىك ئارخىتېكتور (بىناكارلىق ئۇستىسى) جونسىي ۋىكتورىيە گۈلى (ئامازونكا نېلۇپىرى)نىڭ يوپۇرماق تومۇرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ دۇنيا كۆرگەزمە يىغىلىشىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ زالنىڭ بوشلۇقى كەڭ، تىك تۈۋرۈكلىرى ئاز بولۇپ ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم يورۇق - ئازادە بولغاچقا، »خرۇستال ئوردا« دەپ نام ئالغان.
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك غولىنىڭ يان تەرىپىدە ئۆسىدىغان ئوزۇقلىنىش ئورگىنى. ئۇ يېشىل، ياپىلاق، نېپىز بولىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش، پارلاندۇرۇش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. يوپۇرماق غولىنىڭ چوققىسىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ يان تەرىپىدە ئۆسكەن ئۆسۈكچە (يوپۇرماق كۆرتىكى) نىڭ ئۆسۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى، يوپۇرماق سېپى، تەگ يوپۇرماق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ قىسمى تولۇق بولغان يوپۇرماق، مۇكەممەل يوپۇرماق؛ يوپۇرماق سېپى ياكى ھەمراھ يوپۇرمىقى بولمىغان يوپۇرماق مۇكەممەل بولمىغان يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. بىر يوپۇرماق ئالىقىنى بولغان يوپۇرماق يەككە يوپۇرماق، ئىككىدىن ئارتۇق يوپۇرماق ئالىقىنى بولغان يوپۇرماق مۇرەككەپ يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسىدە مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. يوپۇرماق ئۈستۈنكى ئېپىدېرما، يوپۇرماق گۆشى، يوپۇرماق تومۇرى ۋە ئاستىنقى ئېپىدېرما قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۈستۈنكى ئېپىدېرمىدا ھاۋا تۆشۈكى بولىدۇ، ئۇ يوپۇرماقنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە سۇنى پارلاندۇرۇش ئىشىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق گۆشى تەركىبىدە خلوروپلاست بولغان نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇ فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق مەيدان. يوپۇرماق تومۇرى يوپۇرماقتىكى قاناللار باغلىمى بولۇپ، توشۇش ۋە تىرەك بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بەزى يوپۇرماقلار ئالاھىدىلىشىپ ياكى چېكىنىپ ھەرخىل ھالەت ئۆزگىرىشلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، يوپۇرماق چىرمىغۇچىسى، يوپۇرماق تىكىنى، تەڭگىچە يوپۇرماق، ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماق، ئورىغۇچى يوپۇرماق قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئۆسۈملۈكنىڭ ۋېگېتاتىپ ئەزالىرىدىن بىرى. ئادەتتە يوپۇرماق ئالىقىنى بىلەن يوپۇرماق سېپىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئومۇمەن يېشىل ۋە ياپىلاق بولىدۇ. ئۇنىڭ گۆش ھۈجەيرلىرىدە خلاوروپلاست بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق ماددا ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭا يوپۇرماق ئوزۇقلۇق ئىشلەيدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاڭلىماسقا، بىلمەسكە سالماق، بىغەم، جىم تۇرۇۋالماق.
- تۆلەندىئاخۇن ئاكا، چاققان بول، - دېدى ئۇ بوسۇغىدىن پۇتىنى ئالا - ئالمايلا، - تېرىكىڭنىڭ ئۇچىدا سېغىزغان چىللاۋاتسا، قۇلاقلىرىڭنى يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىدىكەنسەن.
كۆچمە. تۈرمەك، پۈرۈشتۈرمەك.
قاپاقنى يوپۇرماق. لېۋىنى يوپۇرماق.
كۆچمە. بېشىنى ئىچىگە تىقماق، دۇغدايماق، غەمكىنلەشمەك.
ساۋۇت بىر ئاز قورقسىمۇ، لېكىن بېشىنى يوپۇرۇپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى.