Uyghurئاساسىي لۇغەت
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر»بۇ، بىرەر دەرد - ئەلەم، خاپىلىققا دۇچ كەلگەن كىشى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاچچىققا ھاي بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - قازى لەشكەر جانابلىرى، كونىلار «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر » دەپتىكەن، ئۆزلىرىگە ھاي بېرىپ ئاجايىپ ئوبدان ئىش قىپتىلا، - دېدى نىياز ھېكىم بەگ