Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوللۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («يولⅠ نىڭ 3-» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
سەپەرگە، يولغا چىققانلارغا تۇتقان سوۋغات.
يوللۇق تۇتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («يول Ⅰ نىڭ2-» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
ئورۇنلۇق،داۋلىلىق، يولى بار.
يوللۇق ئىش. * يوللۇق گەپ. * يوللۇقلارغا ياردەم كۆپ بولىدۇ، بولسىزلارغا ياردەم ئاز بولىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«يول Ⅰ نىڭ6-» سىغا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
يولى بار.
ئىنچىكە يوللۇق چىت. * يوللۇق چىبەر قۇت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قائىدە - يوسۇنغا مۇۋاپىق.
دانا دائىم يوللۇق. مەنىسىز سۆزنىڭمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلىدىغان ۋاقتى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يولى بار، يول چۈشۈرۈلگەن.
يوللۇق رەخت.
سۈپ. كۆچمە. يولى بار، داۋلىلىق، ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق، ھەق.
يوللۇق گەپ. يوللۇق ھەرىكەت.
ئى. سەپەر، ساياھەت قىلىشقا، باشقىلارنى ئۇزىتىشقا تەييارلانغان لازىمەتلىك، سوۋغا.
يوللۇق تۇتماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قۇتلۇق، يوللۇق، يولى بار كىشى.