Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يوھان فرۇن ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
约翰.伏龙运动
yuē hàn .fú lóng yùn dòng
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا يېڭى ھېبرىد تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى ۋانۇئاتۇ) نىڭ تانا ئارىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆتۈرلۈگەن مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار، ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنى رىۋايەتتىك يوھان فرۇن دەپ ئاتىلىدىغان شەخسنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ ئىشەنگەنلكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلك ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقى سەۋەب بولغان. دەسلەپ چېركاۋ، بولۇپمۇ پرېسىۋېتىرىئاللىققا قارشى چىققان؛ ئارقىدىنلا چېركاۋ تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان ئەنئەنىۋى يىغىلىش ۋە كاۋا شارابىنى ئىچىش قاتارلىق مۇراسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ قوللىرىدىكى ياۋروپا پۇللىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. بارلىق مىسسىئونېرلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان. 1943 - يىلى ئۆكتەبردە تانا ئارىلىدا قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئامېرىكىنىڭ ئارالدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوللىشى بىلەن قاتتىق باستۇرۋەتكەن. يولباشچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ھەرىكەت مەخپىي ھالەتكە كۆچكەن. ھەرىكەت تاكى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان.