Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوغانچىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭچىنىڭ قىلىقى
چوڭچىلىق قىلساڭ، جامائەتتىن ئايرىلىسەن. يوغانچىلىق ئاپەت تاپىدۇ. مەنمەنلىك « مەن » دىن چىققان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىللەت.
كىچىك پېئىللىق، كەمتەرلىك
ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان خىسلەت.
كىچىك پېئىللىق - ھەممە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئانىسى. كەمتەرلىك كىچىككىمۇ، چوڭغىمۇ يارىشىدۇ. كەمتەرلىك ئۇلۇغلۇق بىلەن قوشنا. ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەخمەقلىق بىر دەرەخنىڭ مېۋىسى. تەكەببۇرلۇق تەنىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەغرۇرلۇق - پۇتلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى. گەدەنكەشلىك گەمىدە ياخشى. مەنمەنچىلىك ئەقىلدىن ئاداشتۇرىدۇ. يوغانچىلىق يولدىن ئازدۇرىدۇ. چوڭچىلىق قىلغان چوقۇم ئاستىدا قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىش ئادىتى؛ چوڭچىلىق.
يوغانچىلىق قىلماق.