Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۆتەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەپەس ئاپپاراتنىڭ ئاغرىغانلىقى سەۋەبىدىن ھاۋا ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بۆلۈنۈپ - بۆلۈنۈپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك.
كۆڭ يۆتەل. * قۇرۇق يۆتەل. * يۆتەل بولۇپ قالماق. * يۆتىلى تۇتماق. * يۆتەل - مەينەت كېسەل.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يۆتەلمەك، يۆتىلىش. («يۆتەلⅠ » <) يۆتەل كېسىلى تۇپەيلىدىن نەپەسىنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ چىقارماق.
يۆتەلمەك. * ئۇ كېچىچە يۆتىلىپ چىقتى. * ئۇنىڭ يۆتىلى ساقايمىدى، دائىم يۆتىلىپ يۈرىدۇ. * ئۇ قەستەن يۆتىلىپ قويدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېبابەت
كاناي ۋە كانايچىلار ياللۇغلانغاندا، يات نەرسىلەر، فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك نەرسىلەر غىدىقلىغاندا پەيدا بولۇدىغان مۇداپىئە رېفلېكسى. يۆتەلگەندە، ئالدى بىلەن ئاۋاز يوچۇقى ھىم يېپىلىدۇ. نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرى قىسقىراپ، ئۆپكىنىڭ ئىچكى بېسىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋاز يوچۇقى ئېچىلىپ، ئۆپكىدىكى ھاۋا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ نەپەسلىنىش يولىدىكى يات نەرسىلەرنى تازىلاش ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى بار. يۆتەل نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامىتى بولۇپ، سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.