Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېنىشماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈزۈلگەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك.
ئۈزلەشمەك، ئاجراشماق
ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
ئۇلار ئۈزلىشىپتۇ، ئوبدان بوپتۇ. روزاخۇن بۇرۇنقى ئايىلى بىلەن يېنىشىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، خوشال بولدۇق. ئەر - خوتۇننىڭ ئاجراشمىقى مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈزلەشكەنلەر ئەپلەشسە، بالىلارنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يانماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر كەينىگە يېنىشتى.
ۋەدە، پىلان، قارارلىرىنى بىكار قىلماق.
ئۇلار قۇدىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يوق گەپلەرنى تەگىشىپ يېنىشىپ كېتىپتۇ.