Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېننى ماركس
دۇنيا تارىخى
燕妮.马克思
yàn nī .mǎ kè sī
(1814 - 1881) ماركسنىڭ رەپىقىسى، ياردەمچىسى ۋە سەپدىشى. پرۇسسىيىنىڭ ۋېستىفالېن دېگەن يېرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1843 - يىلى 6 - ئايدا ماركس بىلەن توي قىلىپ، <ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان> تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن ماركسنىڭ ئىنقىلابىي خىزمىتىگە ياردەملەشكەن. تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغلىشى ئارقىسىدا ماركس بىلەن بىللە پارىژغا كۆچۈپ بارغان. كېيىن كەينى - كەينىدىن بريۇسسېل، لوندون قاتارلىق جايلاغا قېچىپ بېرىپ، جاپالىق سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1848 - يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، بېلگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر مەھەل قامالغان. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندوندا تولۇپ تاشقان شىجائەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن سەرگەردان كوممۇنا ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئېنگېلس ئۇنى <ئېسىل پەزىلەتلىك ئايال> دەپ مەدھىيلىگەن.