Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېنىكلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى چۇسراق ھالەت.
ئېغىرلىق - راخمانلىق، يېنىكلىك - شەيتانلىق. كىچىك ئىشلاردا ھەقىقەتكە يەڭگىللىك قىلدىغانلارغا چوڭ ئىشلاردا ئانچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېغىر ئەمەسلىك، يەڭگىللىك.
ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ يېنىكلىكى بىزگە مەلۇم.
ئۇ بۇ يەردىكى ئىشنىڭ يېنىكلىكىنى بىلەتتى.
روھىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىك، ئەركىن - ئازادە، نورمال ھالەت.
خان كۆڭلى ئارام ئالغاندەك يېنىكلىك ھېس قىلىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى.
ئاقىۋېتىنى ئويلىمايلا قىلغان ھەرىكەت، ئالدىراڭغۇلۇق، يەڭگىلتەك، تەنتەكلىك.
مەخمۇت بۇ ئىشتا يېنىكلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى.