Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يىن جژخاۋ
دۇنيا تارىخى
尹致昊
yǐn zhì hào
(1865 - 1945) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن سىياسەتۋاز. لەقىمى زۇۋېڭ، جۇڭچىڭداۋلىق. 1881 - يىلى مۆتىۋەرلەر ساياھەت ئۆمىكىنڭ ئەزاسى بولۇپ ياپونىيىگە بارغان، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان. 1895 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. كېيىنكى يىلى مىن يۇڭخۇەنلەر بىلەن روسىيىگە بېرىپ چار پادىشاھنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. يول ئۈستىدە ياۋروپا ۋەزىيىتىنى تەكشۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن شۇ سەپبى، لۇچېڭۋەنلەر بىلەن مۇستەقىل جەمئىيەت قۇرغان. 1898 - يىلى بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1906 - يىلى جاڭ جژيۇەنلەر بىلەن <بۈيۈك كورىيىنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1910 - يىلى خرىستىئان دىنى ياشلار جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ئۇيۇشمىغا باشلىق بولغان. 1911 - يىلى تېرائۇچى سېيكنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بولغاچقا قولغا ئېلىنغان. 1912 - يىلى ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ياپونىيە چاۋشيەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاخىرقى مەزگىلدە ئاينىپ ياپونىيە ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنت ئەزالىقىنى قوبۇل قىلغان. 1945 - يىلى ياپونپەرەس دەپ ئەيىبلەنگەن، كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.