Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يىلتىزسىمان غول
دائىرە: بىئولوگىيە根壮茎
gēnzhuàngjīng
كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھالەت ئۆزگەرتكەن يىلتىزسىمان يەر ئاستى غولى. يىلتىزسىمان غول بوغۇم ۋە بوغۇم ئارىلىقىغا بۆلۈنىدۇ. بوغۇمىدا رۇدىمېنتلاشقان تەڭگىچە يوپۇرماق بىلەن بىخ بولىدۇ. چوققا بىخ ۋە قولتۇق بىخلار ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغانلىقتىن غول ئوقى يەر ئاستىدا داۋاملىق ئۆسىدۇ ھەمدە ھەريىلى يەر ئۈستىگە يېڭى شاخلارنى چىقىرىدۇ. يىلتىزسىمان غولىدىكى ھەربىر بوغۇم تۇراقسىز يىلتىز ھاسىل قىلىدۇ. كونا شاخ ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى شاخ داۋاملىق ياشايدۇ، شۇ يىلتىزسىمان غول يەر ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل كۆپىيەلەيدۇ. مەسىلەن، بامبۇكنىڭ يىلتىزسىمان غولىدىكى قولتۇق بىخى يەر ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن بامبۇك بىخى دەپ ئاتىلىدۇ. نېلۇپەرنىڭ يىلتىزسىمان غولىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى بىرقانچە بوغۇم يوغىنايدۇ، يوپۇرماق ۋە گۈل بوغۇمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. يەر ئاستى يىلتىز، يوپۇرماق سېپى ۋە گۈل سېپىدە سۇ مۇھىتىدا ياشاپ نەپەسلىنىشكە ماسلاشقان، تەرەققىي قىلغان ھاۋا ئۆتكۈزگۈچى توقۇلما بولىدۇ. كەڭ يوپۇرماقلىق زىزانىيە، سەركىچۆپ، قارا ئىجرىق، شاقاقۇل، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل قاتارلىق كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىمۇ يىلتىزسىمان غول بولىدۇ.
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,ئۇنىۋېرسال,باغۋەنچىلىك
根状茎
gēn zhuàng jīngDئۆسۈملۈك
根{状}茎
gēn {zhuàng }jīng jīng
GetWord كۇللىياتى
9根茎
gēn jīng
根状茎
gēn zhuàng jīng
足
zú
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.