Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىلىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يىلىك. سۆڭەك يىلىكى.
بىئولوگىيە
يىلىك بوشلۇقى ۋە سۆڭەك شالاڭ ماددىسىنىڭ ئىچىنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان بىر يۇمشاق توقۇلما بولۇپ، قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. قىزىل يىلىكنىڭ تورسىمان توقۇلمىدىن تەركىب تاپقان تىرىك جازىسى بار. تور كۆزلىرىدىكى تەركىبىمۇ ھەر خىل ئوخشىمىغان يېتىلىش باسقۇچىدىكى قان ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى قان ئىشلەيدىغان مۇھىم ئورگان ھېسابلىنىدۇ. ھامىلە ۋە بۇۋاقلارنىڭ يىلىك بوشلۇقىدا پۈتۈنلەي قىزىل يىلىك بولىدۇ، يېتىلگەن ئادەملەرنىڭ پەقەت ياپىلاق سۆڭەك ئىچىدە ۋە ئۇزۇنچاق سۆڭەكنىڭ ئىككى بېشىدىلا قىزىل يىلىك بولۇپ، ئۇزۇنچاق سۆڭەك ئوتتۇرا قىسمىدىكى قىزىل يىلىكىنىڭ ئورنىغا تەدرىجىي ھالدا ماي توقۇلمىسى ئالمىشىپ سېرىق رەڭگە كىرىدۇ. شۇڭا سېرىق يىلىك دېيىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بولمايدۇ. پەقەت ئورگانىزم زور مىقداردا قان يوقاتقان چاغدىلا قان ئىشلەش ئىقتىدارى ۋاقتىنچە ئەسلىگە كېلىدۇ. كلىنىكىدا دائىم يىلىك فۇنكىسىيىسى (تېشىش) ئارقىلىق نا سۇيۇقلۇقى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشقا ياردەملەشتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
سۆڭەك ئىچىدىكى كاۋاكچىلارغا تولۇپ تۇرغان يۇمشاق توقۇلما. قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ بۆلۈنىدۇ. قىزىل يىلىك قان ئىشلەپچىقىرىش رولىغا ئىگە. بەزى جانلىقلارنىڭ يىلىكىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە ئۇنىڭدىن ماي ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.