Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېكاتېرىنا
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى叶卡捷琳娜
yè kǎ jié lín nà
دائىرە: دۇنيا تارىخى叶卡特琳娜二世
yè kǎ tè lín nà èr shì
(1729 - 1796) روسىيە ئايال پادىشاھى (1762 - 1796). گېرمان كىنەزىنىڭ قىزى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى سوفىيە ئاۋگۇست. 1745 - يىلى پېتېر 3 (1728 - 1762) بىلەن توي قىلىپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. 1762 - يىلى پېتېر Ⅲ نى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىپ ئۆزى تەختكە چىققان. <ئوچۇق پىكىرلىك مۇستەبىت> سۈپىتىدە ۋولتېر ۋە فرانسىيە ئېنسىكلوپېدىيىچىلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا ناھايىتى نۇرغۇن يانچى ۋە يەرلەرنى تارتۇق قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى قوغلىۋېتىش ھوقۇقى بارلىقى، دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلارغا قەتئىي بويسۇنۇشى لازىملىقى توغرىسىدا پەرمانلارنى چىقارغان. پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا تۈركىيە بىلەن (1768 - 1774، 1787 - 1791)، شۋېتسىيە بىلەن (1788 - 1790) ئۇرۇش قىلغان. پولشانى بۆلۈۋېلىشقا ئۈچ قېتىم (1772، 1793، 1795) قاتناشقان. لىتۋا، بلوروسىيە ۋە غەربىي ئوكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ھەمدە قىرىمنى روسىيىگە قوشۇۋالغان. گروزىيىنى ھامىيلىقتىكى دۆلەت قىلىۋالغان. ياۋروپادىكى مونارخىيىلىك دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قارشى ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىل روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمى تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىل بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.