Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەزىد بىننى مۇئاۋىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(645 - 683)ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى. مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى، خەلىپىلىك مىراس قالغان تۇنجى مىراسخور. ئۇ تەختتە ئولتۇرغاندا (680 - يىلىدىن 683 - يىلىغىچە)، ئۇنىڭ ئادەملىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوتتۇرانجى ئوغلى ھۈسەيننى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئەسكەر ئەۋەتىپ مەدىنىدىكى توپىلاڭنى تىنجىتتى، مەككىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىۋالغان ئابدۇللا بىننى زۇبەيرگە جازا يۈرۈشى قىلدى. لېكىن، يۈرۈشتە غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ۋاپات بولدى.