Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يەتتىنچى باب دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
324 - ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
阻碍军人执行职务罪
zǔ ài jūn rén zhí xíng zhí wù zuì
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە ھەربىيلىك سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە نورمال ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
368 - ماددا 1 - تارماق ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.