Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىكى روسىيە نارودنىكلار تەشكىلاتى. 1876 - يىلى كۈزدە پېتېربۇرگدا قۇرۇلغان. ئەسلى <شىمالىي ئىنقىلابىي نارودنىكلار جەمئىيىتى> دەپ ئاتىلاتتى. تەخمىنەن 50 ئەزاسى بار ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى پلېخانوۋ، مىخايلوۋ (1855 - 1884) ۋە م. ناتانسون (1850 - 1919) قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار يەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىپ، كەنت كوپىراتىپلىرى پۈتۈنلەي ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېھقانلارنى مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىشقا قوزغىغان. ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يېزىلىرىدا بازا قۇرۇپ، تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. يىراق كەنت كوپىراتىپلىرىنى خاتا ھالدا سوتسىيالىزمنىڭ تۈۋرۈكى دەپ قارىغان ھەمدە تېررورلۇق ھەرىكەتكەن بارغانسېرى بېرىلىپ كەتكەن. 1879 - يىلى سىياسىي كۈرەش، شەخسنىڭ تېررورلۇق رولى ۋە <خەلق ئارىسىغا بېرىش> مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى بىلەن يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.