Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
重分黑土党
zhòng fēn hēi tǔ dǎng
روسىيىدىكى نارودنىكلار تەشكىلاتى. 1879 - يىلى كۈزدە <يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى> يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئورگان گېزىتى <يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش> بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پېتېربۇرگ موسكۋا ۋە كيېۋ قاتارلىق جايلاردا گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ژۇرنال نەشر قىلغان. ئەسلىدىكى <يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى> نىڭ پروگراممىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇق سىياسەتكە قارشى چىققان ھەمدە سىياسىي كۈرەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. 1881 - يىلى 3 - ئايدا يىمىرىلگەن. ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم كىشىلەر <خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى> گە قاتناشقان. يەنە بەزى مەشھۇر كىشىلەر (پېلېخانوۋ، ئاكىسېلرود ۋە زاسۇلىچ قاتارلىقلار) نارودنىكلاردىن ئايرىلىپ <ئەمگەك ئازادلىقى جەمئىيىتى> نى قۇرغان.