Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەر بېجى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندە لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەر بېجىنىڭ بىر خىلى. 1750 - يىلى تەكشى سېلىق قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقتىن، نوپۇس بېجىنىڭ يېرىمى ئازايتىلغان. دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 1751 - يىلى خۇڭ چىشى قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. ھەر دۆۋىلىك يەردىن ئىككى كۈرە گۈرۈچ ياكى پۇل ھېسابىدا بەش مىسقال يەر بېجى ئالغان. ئەسلىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان پادىشاھ جەمەتىنىڭ يەرلىرىدىنمۇ باج ئېلىنغان. دەسلەپتە دېڭىز ياقىسىدىكى يەرلەردىن گۈرۈچ ئېلىنغان، كېيىن ھەممىسى پۇلغا ئۆزگەرتىلگەن، بۇ يەر بېجى دەپ ئاتالغان. 1844 - يىلى يەنە بىر قىسىم جايلاردا گۈرۈچ ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، گۈرۈچ بىلەن ھېسابلاش دەپ ئاتالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<خەراج> گە قاراڭ.