Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەلتاشما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يەل + تاشما
ئىسىم
تېبابەت
بىر خىل تېرە كېسىلى. بۇنىڭدا قىسمەن جاينىڭ تېرىسىدە توساتتىن قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇپ، قىچىشىدۇ، يېنىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ، ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ. ئادەتتە پات - پات قوزغىلىپ تۇرىدۇ. دورا، پارازىت قۇرت، قان زەردابى، باكتېرىيىلەر بىلەن ياللۇغلىنىش، غىدىقلاش كۈچى كۈچلۈك بولغان ماددىلارغا، سوغۇققا ۋە ئىسسىققا يولۇقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.