Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەڭلىغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دەك، تەك؛ ئوخشاش:
قەددى سەرۋى يەڭلىغ يۈزى گۇل ئېرۇر،
ھەمە ھۇسن ئەھلى ئاڭا قۇل ئېرۇر.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئوخشاش. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: غۇنچە يەڭلىغ قان بولۇپ ئىشقىڭ بىلەن خامۇش مەن، بۇ ھۇۋەيدادەك ساڭ باغرى تولاقان قايدادۇر. (ھۇۋەيدا).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ <- دەك/ - تەك،... - غا ئوخشاش>، <كەبى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر سەن دائىما نەپسىڭ كويىدا چوت سوقار بولساڭ، بۇ يەڭلىغ قىلمىشىڭ ھەر چاغ - سېنى، ئەل - يۇرتنى بۇلغايدۇ.