Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يېنىك شامال، سەلكىن.
يەلتا - پان. * يەل سوقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھاۋا، پار.
يەل مىلتىق. * يەل بازغان.* يەل بەرمەك. * يەل چىقماق.* پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇسۇرۇق.
يەل قويۇپ بەرمەك. يېگەننىڭ يېلى بار، يېمىگەننىڭ نېمىسى بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شاماللاش نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك، ياللۇغلىنىش.
سوغۇق يەل. * يەل يارا. * يەل تۇرۇپ قالماق. *يەل تاشماق. * يەل يەتمىش كېسەلنىڭ بېشى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يەلمەك، يېلىش. ئات قىسقا قەدەم تاشلاپ، تېز يۈرمەك.
ئات يېلىپ كېتۋېتىپ، مۈدۈرۈپ كەتتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باتۇر، چېلىشچى، كۈرەشچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
شامال: يەل - بوران - شامال - بوران.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارقا پېشاپتىن چىقىرىلغان سېسىق بۇس.
پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس. سېنىڭ گېپىڭنى ئۇ ئوسۇرۇقىغا ئالمايدۇ. يېگەننىڭ يېلى بار، كيىگەننىڭ كىرى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سېسىق پۇراق، چىرىكلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھاۋانىڭ يەر يۈزىنى بويلاپ ئېقىشى، ھاۋانىڭ ئاقما ھەرىكىتى؛ شامال.
تەبىئەت ھۆسنىگە مەست بولۇپ كېپىنەك، ئۇچاتتى بىر ئېگىز، بىر پەستە يەلدەك.
بەدەندىكى ھاۋا.
يەل تۇرۇپ قالماق.
چېچەكنىڭ ئېتى يامان، قىزىلنىڭ يېلى يامان (ماقال).
نەپەس، ھور.
شېئىر ئۇ، ئىنسانلار قەلبىنىڭ گۈلى، گۈلگە جان، رەڭ بەرگەن شائىرنىڭ تىلى. تىل بىلەن دىل ئوخشاش بولمىسا ئەگەر، كۈي ئەمەس چىققىنى ئېغىزنىڭ يېلى.