دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، « چىڭجۇ مەسچىتى » مۇ دېيىلىدۇ. ئورنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭجۇ شەھىرىدىكى يىدۇ بازىرىنىڭ شياۋدې كوچىسىدا. بۇ مەسچىتنى 1302 - يىلى بەي يەنخۇنىڭ ئەۋلادى سالدۇرغان. 1466 -، 1487 -، 1492 -، 1506 -، 1690 -، 1731 -، 1734 -، 1758 -، 1760 -، 1845 -، 1934 -، 1984 -، 1987 - يىللىرى مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئالتە مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىڭ 300 كۋادرات مېتردىن ئاشىدۇ. مەسچىتتە ھەممە مۇئەسسەسەلەر تولۇق. كەينىدىكى نامازخانىنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل گۈللەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان يىرتقۇچلارنىڭ سۈرەتلىرى سىزىلغان. يىراقتىن قارىسا يىرتقۇچقا ئوخشىشىدۇ، يېقىنىدىن قارىسا گۈلگە ئوخشايدۇ. ئىخلاسخانا مۆتىۋەرلەر مەسلىھەتلىشىدىغان، مەسچىتكە تەۋە يەرلەرنىڭ ئىجارىسىنى يىغىدىغان جاي، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي شەندۇڭدىكى پائالىيەت مەركىزى بولۇپ ھېسابىلىنىدۇ.