Uyghurئاساسىي لۇغەت
يازغازىڭى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ياز+غازاڭ+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن، يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، غول يوپۇرماقلىرىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ. گۈلى سۆسۈن، بەزىلىرى ئاق، يازنىڭ بېشىدا چېچەكلەپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆلىدۇ. شۇڭا «يازغازىڭى» دەپ نام ئالغان. غولى، يوپۇرمىقى ۋە گۈل رېتى دورا قىلىنىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولى بار.