Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياتما نېلۇپەر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياتما نېلۇپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستىدىكى يىلتىزسىمان غولى توم، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن، يوپۇرمىقى سۇدا لەيلەپ تۇرىدۇ، شەكلى سوقىچاق، تۈۋى قىسمى چوڭقۇر يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈل كاسسا يوپۇرماقچىلىرى تۆت تال، رەڭگى يىشىل، گۈلى ئاق، گۈل تاجى ياپراقچىلىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغان مەزگىلدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى كۆل ۋە كۆلچەكلەردە ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
قىزىتما ۋە يۆتەلنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياتما نېلۇپەر ۋە قومۇش يىلتىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك چۆچۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياتما نېلۇپەر ۋە قومۇش يىلتىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى چۆچۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ياتما نېلۇپەرنى تۆت گرام چۈچۈكبۇيا، 12 گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە، 10 گرام پاقىيوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئەزەلدىن «سۇدىكى ئىلاھە» دەپ ئاتىلىدىغان ياتما نېلۇپەر ھەمىشە قۇياشقا ئەگىشىپ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىلىپ - يۇمۇلىدۇ. سەھەردە تاڭ ئالدىدىكى خىرە يورۇقلۇق ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ ئېچىلدۇرىدۇ؛ كەچقۇرۇنلۇقى، گۇگۇمدا غەربكە ئولتۇرۇشۇۋاتقان كەچكى قۇياش ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇيقۇغا سالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياتما نېلۇپەر ھەقىقىي ئۇخلايدىغان بولماستىن، پەقەت ئۇنىڭ قۇياش نۇرىغا نىسبەتەن ئىنكاسىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلۈكى، خالاس. تاڭ نۇرى يۇمۇلغان ياتما نېلۇپەر گۈلىگە چۈشكەن چاغدا، سىرتقى تەرەپتىكى يورۇقلۇق چۈشكەن قىسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئىچكى قەۋىتىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يورۇقلۇق تەگمىگەن قىسمىنىڭ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تېز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۈل تاج ياپراقچىلىرى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئېچىلىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن، گۈللەر يېتەرلىك ئېچىلىپ، گۈل تاج ياپراقچىلىرى يېيىلىپ گورىزونتال ھالەتكە كەلگەندە، گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ يورۇقلۇقنى قوبۇل قىلىدىغان يۈزى ئەتىگەندىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ، گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپى يورۇقلۇققا ئۇچراپ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، يورۇقلۇققا ئارقىنى قىلىپ تۇرغان سىرتقى تەرەپ قەۋەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېزلىشىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىچكى تەرەپ قەۋىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۈللەر يۇمۇلۇپ قالىدۇ.
تايلاندتا بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان بولۇپ،% 90 تىن ئارتۇق خەلق بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇددا دىنىدا نېلۇپەر مۇقەددەس نەرسە، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا، بۇددا مۇرىتلىرى نېلۇپەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. يەنە كېلىپ نېلۇپەرلەر ئىچىدە ياتما نېلۇپەرنى ئەڭ چىرايلىق دەپ ھېسابلايدۇ، شۇڭا، تايلاند ياتما نېلۇپەرنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن.
ياتما نېلۇپەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن40 تۈرى بار. ئۇلار مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. ياۋروپا ۋە مىسىردا ئاق ياتما نېلۇپەر، ھىندىستاندا قىزىل ياتما نېلۇپەر ۋە كۆك ياتما نېلۇپەر، مېكسىكىدا سېرىق ياتما نېلۇپەرلەر بار بولۇپ، ھەممىسى ناھايىتى چىرايلىق ھەم يېقىملىق. ئامېرىكا ۋە ئۈمىد تۇمشۇقى رايونىدا يەنە خۇش پۇرىقى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان ئاق رەڭلىك خۇشبۇي ياتما نېلۇپەر بولۇپ، گۈلى چىرايلىق، كۆزنى چاقنىتىپلا قالماي، بەلكى خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاق ياتما نېلۇپەر بولۇپ، ئۇنىڭ گۈلى كۆپىنچە ھەر كۈنى تۈن يېرىمى (تاڭ سەھەر سائەت1 ۋاقتى) دىن چۈش ۋاقتى (چۈش سائەت12 ۋاقتى)غىچە ئېچىلىدۇ (بېيجىڭ ۋاقتى)، چۈش سائەت12 دىن كېيىن، ئاستا - ئاستا يۇمۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، »زىۋۇليەن« (چۈشتىن بۇرۇنقى نېلۇپەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ياتما نېلۇپەرنى دۆلەت گۈلى قىلغانلاردىن يەنە مىسىرمۇ بار. ئاساسەن ئاق ياتما نېلۇپەرنى ئاساس قىلغان.