Uyghurئاساسىي لۇغەت
يات
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
بىگانە، قېرىنداشلىقى، يېقىنلىقى بولمىغان. ئانتونىمى: ئۆز،تۇغقان.
يات ئادەم، يات مىللەت.* يات يەر.* يات كۆرمەك. * ياتسىرىماق. * يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە (ماقال). * لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى (ماقال). * ئات - بىر قىلىقى يات.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياتماق، يېتىش.1. بىرەر ماكاننى ئوڭدا، دۈم ۋە ياكى سىڭايان ئىگىلەپ تۇرماق.
ئۇ ساپاد يېتىپ كىتاب ئوقۇدى. * نەرسە - كېرەكلەر يەردە ياتىدۇ. * ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماس (ماقال). * قىلىچ قىنىدا ياتسا گاللىشىدۇ (ماقال). *
2. ئۇخلىماق، قونماق. مېھمانلار بىزنىڭكىدە يېتىپ قالد. * بالام مەكتەپتە يېتىپ ئوقويدۇ. * سېنىڭ - مېنىڭ دېگەن كۆڭۈل تارلىقى، نېرى يات - بېرى يات دېگەن ئورۇن تارلىقى (ماقال). * كەچ بولدى يات، سەھەر بولدى كەت (ماقال). * ياتار قورساق كېتەر قورساق (ماقال). *
3. بىكار تۇرماق. ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق (ماقال). * كەتمەن چاپقان جىگدە يەر، بىكار ياتقان گىردە (ماقال). * يېتىپ قالغۇچ، ئېيتىپ قال (ماقال). * تاختايلار قورۇدا چېچىلىپ ياتىدۇ.
4. كېسەل بولماق. دادام ئاغرىپ يېتىپ قالدى. * باھار دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى، 1993 - يىل 13 - فېۋارال ۋاپات بولدى.
5. ساڭگىلاپ قالماق. يامغۇر كۆپ ياغقانلىقتىن، بۇغدايلار يېتىپ كەتتى.
6. قاماققا چۈشمەك. تۇرسۇن تۈرمىدە ياتىدۇ.
7. توختاپ قالماق. بىزنىڭ زاۋۇت يېتىپ قالدى. * ماشىنام گاراژدا ياتىدۇ.
8. تەۋە. بۇ گېپىڭ نادانلىققا ياتىدۇ. * بۇ مەسىلە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە ياتىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
1. رەۋىشداشلارنىڭ كەينىدە كېلىپ، شۇلار ئاڭلاتقان مەنىنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇغدايلار ئېتىزدا چېچىلىپ ياتىدۇ.
2. رەۋىشداشلاردىكى «پ، ئوپ» لار «ۋ» غا «يات» تىكى «يا» «ئا» غا ئايلىنىپ، زامان - ھازىرقى زاماننى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ كېلىۋاتىدۇ. * مەن ئوقۇۋاتىمەن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يات، ناتۇنۇش:
كېڭەش ئەيلەدى ئولتۇرۇپ ئۆز ۋە يات،
ھەرەم تەۋفىغە بارسە، تاپغاي نەجات.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېرىنداشلىقى يوق؛ ناتونۇش.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. ياتنىڭ يېغى يوق. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇل يوق ئۈچۈن. بىگانىلەرنىڭ قولىغا قارىغۇچە، ئىشلەپ تاپقان ئەلا. غەيرىي بىرىنىڭ ئوچۇقىدىن ئۆزۈڭنىڭ چىرىغى ئىسسىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يادا.
بۇ بىر خىل سېھرىگەرلىك بولۇپ، يامغۇر، شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تاشلار (يادا تاشلار) ياردىمى بىلەن سېھىر قىلىنىدۇ. بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، مەن بۇنى ياغمىلاردا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇ يەردە بىر يانغىن بولغاندا، يانغىننى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنغان ئىدى، خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يازدا قار ياغدى، كۆز ئالدىمدا ئوت ئۆچۈرۈلدى.
3 - 1
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يات، ئەجنەبى.
يات كىشى _ يات كىشى. « يات باز يازىل (بۇ سۆز يازما نۇسخىدا «» شەكلىدە بېرىلگەن. بېسىم ئاتالاي بۇنىڭ «» بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىزاھ بەرگەن. بىز بۇ پىكىرنى توغرا تاپتۇق ۋە شۇنداق تەرجىمە قىلدۇق.) _ ياتلار، ئەجنەبىلەر تارقىلىپ كەتسۇن» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 217
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يادا.
يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە شامال چىقىرىش ئۈچۈن يادا تېشى بىلەن قىلىنىدىغان كاھىنلىق.
3 - 218
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ياد> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، تۇغقانچىلىقى يوق.
يات ئادەم.
ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ (ماقال).
ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ (ماقال).
سۈپ. تونۇشلۇقى يوق، تونۇشمايدىغان، تونۇش ئەمەس، ناتونۇش.
يات كىشى.
يات يۇرتتا تورغاي سايرىماس (ماقال).
سۈپ. بىرەر نەرسە ياكى كىشىگە تەئەللۇق بولمىغان، مۇناسىۋەتسىز.
يات ماددا، يات جىسىم * ھازىر بەزى ئادەملەر ئۈچۈن پرىنسىپ، ئىنسانىي بۇرچ، ئەخلاق دېگەنلەر يات بىر نەرسە بولۇپ قالدى.
سۈپ. كۆچمە. مۇناسىپ ئەمەس، راۋا ئەمەس؛ ھارام؛ يىراق.
<جگزمەن ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇشۇم كېرەك. تەقدىرگە تەن بېرىپ، قايناق تۇرمۇشتىن چەتكە چىقىشنىڭ ماڭا يات ئىكەنلىكىنى ئادىل كۆرسۇن> دەپ ئويلىدى ئۇ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ.
سۈپ. كۆچمە. مۇخالىپ، قارشى، زىت، خىلاپ.
مەن قەيسەرلىك قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، ئۇ چۆچۈپ، ئاجايىپ ئوتلۇق نەزەر بىلەن يالت قىلىپ قارىدى - دە، ئۆز تەبىئىتىگە يات ھالدا مۇلايىم ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.
رەۋ. باشقىچە، ئۆزگىچە، غەيرىي.
ئىشچىلارنىڭ كۈتمىگەندە كىرىپ كېلىشى، سابىر ئۇستىنىڭ ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇشىمۇ ئۇنىڭغا يات ۋە غەلىتە بىلىنەتتى.
ئى. كۆچمە. دۈشمەن بولغان، دۈشمەنگە ئوخشاش.
شاھىمىز بۇ پەرزەنتىنى ئۆز جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا 228 قاراۋۇل ئۇنى ياتلاردىن كېچە - كۈندۈز قوغداپ تۇرىدۇ