Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياش گېرمانىيە
دۇنيا تارىخى
青年德意志
qīng nián dé yì zhì
گېرمانىيە سەرگەردانلىرىنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1834 - يىلى 2 - ئايدا شۋېتسارىيىدىكى بېرن شەھىرىدە قۇرۇلغان. دەسلەپتە ئۇششاق بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان، كېيىن ئىشچىلار ۋە قول سانائەتچىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن ھەمدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى: گېرمانىيىنى ئازاد قىلش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، گراژدانلار ئەخلاقى ۋە مىللىي بىرلىك ئورنىتىش ھەمدە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش؛ بارلىق فېئوداللىق كۈچلەرنى يوقىتىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. 1836 - يىلى يازدا شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. 1845 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى 1848 - يىلىدىن 1849 - يىلىغىچە بولغان گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1850 - يىلى تارقىلىپ كەتكەن.