Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەڭ قىسمىنىڭ بىرى؛ پۈتۈننىڭ ئىككىدىن بىرىگە تەڭ مىقدارى؛ بىر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا بېلى، تولۇق ئەمەس، چالا؛ 5.0 1/2.
يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق. ئىككى يارتا بىر پۈتۈن. يېرىم - يارتا بىلىش ئەڭ خەتەرلىك. نىسپىي شەب. يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۈتۈن ئەمەس، پۈتۈننىڭ نىسپى.
پۈتۈن
كەم - كۇتىسىز، مۇكەممەل.
پۈتۈن چىشنىڭ - چىرايلىق سېنىڭ. يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق. بىرىنچى زەربە پۈتۈن ئۇرۇشنىڭ يېرىمىغا تەڭ. ئىككى يارتا بىر پۈتۈن. يېرىم - يارتا بىلىش ئەڭ خەتەرلىك. پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە. پارچىنى يىغساڭ پۈتۈن بولىدۇ.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
يېرىم. مەسىلەن: يارتىلىماق - قاق يېرىمىدىنق ئىككىگە بۆلمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېرىم، پارچە.
يارتا قوغۇن، يارتا خالتا ئۇن.
ئىككى يارتا — بىر پۈتۈن (ماقال).