Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پالتا، ھەرە، پىچاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن بىرەر نەرسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچىلىماق، تىلماق، كەسمەك:[مىسال:] ئوتۇن يارماق. * ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② يارىلاندۇرماق، سۇندۇرماق، جاراھەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار (ماقال). * ئېشىنى يەپ بېشىنى يېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ناھايىتى قاتتىق ئاڭلانماق، ئۇرۇلماق:[مىسال:] قۇلاقنى يارماق. * ئۇنىڭ ئاۋازى سېھىرلىك تۈن جىمجىتلىقىنى قىسقىلا يېرىپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر توپ نەرسە ئىچىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمەك، كېسىپ ئۆتمەك؛ بۆسمەك:[مىسال:] سەپ يارماق. * مۇقام توختىشى بىلەن، ھەسەن دەرۋىش ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، سورۇننى يېرىپ ئۆتۈپ، مۇقامچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن ساتارنى ئالدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى تاتلىق، شېرىن تۇيۇلماق، سېزىلمەك، تىلدا قالماق (تاتلىق يېمەكلىكلەر ھەققىدە):[مىسال:] شاخلىرىدا مېۋىسى، يۇلتۇز بىلەن تەڭ ئىكەن. يېسەڭ تىلنى يارىدۇ، ھەسەل بىلەن قەنت ئىكەن.