Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارغۇنچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
داننى ئۇۋاق، كۈكۈن قىلىدىغان سايمان ۋە شۇنداق سايمان ئورنىتىلغان جاي.
« موپاڭ » خەنزۇچە 磨坊
بۇغداينىڭ بارار يېرى تۈگىمەن. موپاڭ بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى مىڭ ئايلىنار. يارغۇنچاقتا يارما بولغۇچە، تۈگمەندە ئۇن بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي، قوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلاردىن يارما يارىدىغان تاش سايمان. ئۇنىڭ يەرلىك تۈگمەنگە ئوخشاش ئاستى - ئۈستى ئىككى تېشى بولۇپ، يارما يارغاندا قول بىلەن چۆرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ.
قىز كۈچى يەتمىسىمۇ تىنىپ - تىنىپ، پېشانە تەرلىرىنى سۈرتۈپ تاغارنى ئاخىر ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى يارغۇنچاق بار سۇپىنىڭ يېنىغا ئەكەلدى.