Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياردەمچى ھۈجەيرە
بىئولوگىيە
تۆرەلمە خالتىسىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۈگۈن تۆشۈكىگە يېقىن ئۇچقا جايلىشىدۇ، سانى ئادەتتە ئىككى بولىدۇ. ئىككى دانە ياردەمچى ھۈجەيرە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن يانمۇيان تىزىلىپ ئۈچ پۇتلۇق داڭقانسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۈگۈن تۆشۈكىگە يېقىن ئۈچ ئىچىگە ئۆسۈكچە ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ يىپسىمان ئاپپارات دەپ ئاتىلىدۇ، ھۈجەيرە يەتكۈزگۈچى قۇرۇلمىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھۈجەيرىنىڭ مېتابولىزمى كۆپەيگەن ۋاقىتتا تۈگۈن مەركىزىي توقۇلمىسىدىن ئوزۇقلۇق ماددا سۈمۈرۈش ۋە خىمىيىلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ گۈل چېڭى نەيچىسىنى جەلپ قىلىش رولى بار. ئۇرۇقلانغان ۋاقىتتا، گۈل چېڭى نەيچىسى ئالدى بىلەن بىردانە ياردەمچى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ سپېرمىنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۇخۇم ۋە قۇتۇپ يادروسى ئۇرۇقلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ياردەمچى ھۈجەيرە تېزلاپ يوقاپ كېتىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ.