Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى تاشلاپ كېتىش جىنايىتى
دائىرە: جىنايەت ۋە جازابۇ - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەن قەبىھ بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى تاشلاپ كەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
444 - ماددا جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەنلەردىن قىلمىشى قەبىھ بولغان بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.