Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياڭقۇ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يانغۇ، ئەكس سادا. قايتقان ئاۋاز.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يازماس ئاتىم ياغمۇر ياڭىلماس بىلگە ياڭقۇ _ ئازماس مەرگەن يامغۇر، يېڭىلمەس ئالىم ئەكس سادا. ئۇستا مەرگەن يامغۇردۇر، چۈنكى يامغۇرنىڭ نىشانغا ئالغان يېرى يەر يۈزىدۇر، يەر يۈزى ئىنتايىن كەڭدۇر، شۇنداق كەڭ جايغا ئېتىلغان نەرسە خاتا كەتمەي تېگىدۇ؛ ھەر نەرسە ئۈستىدە توغرا گەپ قىلىدىغان ئالىم ئەكس سادادۇر، چۈنكى نېمە دېسەڭ شۇنى دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. بۇ ماقال بىر خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈر سورىغان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.
3 - 518
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياڭراق ئەكىس سادا؛ ئاۋاز، ئۈن