Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياقا سىقىشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى كىشى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى ئاساسەن مۇشت بىلەن ۋە ياكى تاياق توقماقتەك ۋاستىلەر بىلەن بىر - بىرىنى ئۇرۇپ جېدەل چىقارماق.
<چاچلاشماق> ئاياللار ئۇرۇشقانغا قارىتىلىدۇ.
بەزىدە تىل بىلەن چىشمۇ ئۇرۇشىدۇ. ئاۋۋال سوقۇشۇپ، ئاندىن دوست بول. مۇشتلاشماقتىن ئىككىلا تەرەپ زەخمەت يەيدۇ. ياقىلاشقاننىڭ ياقىسى يىرتىق. توختىغان بىلەن تۇرسۇنخان چاچلاشسا، تۇراخۇن ئاجرىتالماس. ياقا تۇتۇشقانغا يالۋۇرما. ياقا سىقىشقاقلارنى ئاجراتما، ياقىسى يىرتىلغاندا توختايدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر - بىرىنى بوغۇشۇپ ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق: ياقا سىقشىپ تۇرغانلار ئارىچىنىڭ گېپىگە كىرىپ، قوللىرىنى بوشاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر - بىرىنى بوغۇشۇپ ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىناق ئۆتۈشىدىغان، قۇلاققا ئېغىز يېقىپ سۆزلىشىدىغان ئەر - خوتۇن كۈن بويى بىر - ئىككى قېتىم ياقا سىقىشىدىغان، ئۆينى بېشىغا كىيىپ تىللىشىدىغان بولۇپ قالدى.