Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياقا ھۈجەيرە
دائىرە: بىئولوگىيە襟细胞
jīnxìbāo
پەش ھۈجەيرە ياكى كوئانوست دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېڭىز بۇلۇتىنىڭ ئاشقازان قەۋىتىدىكى (تەن دىۋارىنىڭ ئىچكى قەۋىتى) ھۈجەيرىلەر. تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك دېڭىز بۇلۇتلىرىنىڭ ياقا ھۈجەيرىلىرى قىلئاياغلىرى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەركىن ئۇچىدا قىلئايىغى، قىلئاياغ تۈۋى ئەتراپىدا سۈزۈك ياقىسى (پېشى) بولىدۇ، ياقىسى ئوپتىك مىكروسكوپتا نېپىز پەردىگە ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. ئېلېكترون مىكروسكوپتا بولسا سىتوپلازمىلىرى بۆرتۈپ چىققان، بىر - بىرى بىلەن مىكرو تالالار ئارقىلىق تۇتاشقان بىر چەمبىرەك تۈزۈلۈشىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى پەي توپنىڭ ئايلانما پىيىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. قامچا تۈكىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن قوزغالغان سۇ ئېقىمى ئېلىپ كەلگەن ئوزۇقلۇق دانىچىلىرى ياقا ئىچىەە يېپىشقاندىن كېيىن، ئاندىن سىتوپلازما ئىچىگە چۈشىدۇ. ياقا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزى ئوزۇقلۇق ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسى بولغان ياكى ئوزۇقلۇقنى كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتىدىكى ئۆزگىرىشچان ھۈجەيرىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئوزۇقلىنىش ۋاكۇئولالىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ھەزىم قىلالمايدىغان ئوزۇقلۇق قالدۇقلىرىمۇ ياقا ھۈجەيرە ئارقىلىق سۇغا چىقىرىۋېتىلىپ سۇ ئېقىمى بىلەن ئېلىپ كېتىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.